«سۈرىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكىدە بەششار ئەسەدنىڭ ئورنى يوق»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوقلۇقى توغرىسىدىكى قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

302446
«سۈرىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكىدە بەششار ئەسەدنىڭ ئورنى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جېف راتكې، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئەلجەرباغا ‹ئەسەدنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش باسقۇچىدىن ئورۇن ئېلىشىنى قوبۇل قىلىشىنى تەكلىپ قىلغانلىقى› توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دائىر بىر سوئالغا، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر تەكلىپنىڭ قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكىدە ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلۇقىدۇر» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ مەيلى جامائەتچىلىك ئالدىدا مەيلى خۇسۇسىي يىغىنلاردا بولسۇن، ئىزچىل ھالدا ناھايىتى روشەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن راتكې، مەزكۇر خەۋەرلەردە راست بولۇش ئالامىتىنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

راتكې، سۈرىيەدە تۆكۈلگەن قاننىڭ جاۋابكارىنىڭ بەششار ئەسەد ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر