ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيەپەرەسلەر بىلەن يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا، ئىككى رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلدى.

278765
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى ئاندرېي لىسېنكو، شەرقىي رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر لۇھانسىك ئەتراپىدا قولغا چۈشۈرگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇرۇش توختىتىلغان بولۇشىغا قارىماي، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ سانىدا كۆپىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە رايوندا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن 10 ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ ھۇجۇملاردا 3 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 17 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسىكتە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ئۆزئارا ئۇچراشقاندىن كېيىن، 15-فېۋرالدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى باشلانغان ئىدى. ئەمما، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تەرەپلەر ئارىسىدا پات-پات ئېتىشىشلار يۈز بەرمەكتە ۋە تەرەپلەر بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر