شئە ھۇسىلار«يەمەننى قۇتقۇزۇش» يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

شىئە ھۇسىلار رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەمەننى قۇتقۇزۇش»ناملىق دىئالوگ يىغىنىنى بايقۇت قىلدى.

278680
شئە ھۇسىلار«يەمەننى قۇتقۇزۇش» يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىىيوسى خەۋىرى: يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، شىئە ھۇسىلەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە سەيشەنبە كۈنى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان 5 كۈنلۈك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ساھىل شەھىرى ئادەندىكى ھۇسىلار مەركىزىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، 5 كۈنلۈك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش مۇددىتىنىڭ پۇقرالارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى، بۇ مۇددەتنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا «يەمەننى قۇتقۇزۇش» نامى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگ كونفىرانسىدا، مۇشۇ تەرىقىدە قارار ئېلىنىشى كۈتۈلمەكتە. شىئە ھۇسىلار سىياسىي كىرزىسكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگ يىغىنىنى بايقۇت قىلدى، بۇ يىغىن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ئوخشىمىغان قەبىلە ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ئىشتىراك قىلاتتى.
ھۇسىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان سابىق پىرىزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ پارتىيەسىگە ئەزا بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان يەمەندە، 300مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بولسا، 25 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوزۇق-تۈلۈككە ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر