بان كىمۇن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ياردەمگە چاقىردى

بان كىمۇن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇساپىرلار ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

279113
بان كىمۇن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ياردەمگە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، جەنۇبىي ئاسىيادا دېڭىزغا قاپسىلىپ قالغان كۆچمەنلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى، باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاندامان دېڭىزى بىلەن مالاككا بوغۇزىدا كېمىلەردە تۇرۇپ قالغان كۆچمەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مالايشىيا ۋە تايلاند باش مىنىستىرلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن بان كىمۇن، خەلقئارا قانۇننىڭ روھىي بويىچە چارە كۆرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆچمەنلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇلۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
كۆچمەن كېمىلىرىنىڭ پورتقا ياندۇرۇپ كېلىنىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بان كىمۇن، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى كېمىلەرنى قايتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى. خەلقئارا كۆچمەن ئىشلىرى تەشكىلاتى، ھىندى ئوكيان ۋە ئاندامان دېڭىزىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە تەۋە كېمىلەردە ھېلىمەم 8000 كۆچمەن بارلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرمادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ۋە زوراۋانلىقتىن قاچقان روخىڭگا مۇسۇلمانلىرى بىلەن باڭلادېشلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، بۇ كۆچمەنلەر رايون دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن دېڭىزدا ھايات-ماماتلىق كۈرىشى بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر