ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 59 كىشى ئۆلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 59 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

276677
 ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 59 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونىتروللۇقىدىكى رايونلارغا قاراتقان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 59 كىشى ئۆلدى. سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونىتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ۋارىل ۋە ۋاقۇم بومبىلىرىنى تاشلىغان، قۇرۇقلۇقتىن راكېتامىيۇت ۋە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان. بۇ ئارىلىقتا، فەتىھ ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار پايتەخت دەمەشقنىڭ قالامۇن رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ سېپىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان لىۋاندىكى ھىزبۇللاھغا قاراشلىق ئەسكەرلەردىن ئىككىسى ئۆلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا يېقىندىن بۇيان پات – پات قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان قالامۇندا بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ھىزبۇللاھ مىلىتانلىرى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر