فىلىپپىندە بىر زاۋۇتقا ئۆت كەتتى

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى تەكشۈرۈپ كىملىكلىرىنى ئېنىڭلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

275817
فىلىپپىندە بىر زاۋۇتقا ئۆت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بىر ساپما كەش زاۋۇتىغا ئوت كېتىپ 72 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئوت كېتىش ۋەقەسىگە سۇۋاركا قىلىش جەريانىدا چاچرىغان ئۇچقۇن سەۋەب بولغان بولۇپ، 2 قەۋەتلىك زاۋۇت كۆيۈپ خارابىغا ئايلاندى.
ئوت ئاپتى كونترول ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن ساقچىلار خارابىلىققا ئايلانغان زاۋۇتتىن ئونلىغان كىشىنىڭ جەسىتىنى چىقاردى.
قۇربان بولغۇچىلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى تەكشۈرۈپ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسى فىلىپپىندىكى خىزمەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىشچىلار بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچىلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى بولسا، دەرىزىلەرگە بېكىتىلگەن تۆمۈر رىشاتكىلار سەۋەبىدىن ئىككىنچى قەۋەتتە قاپسېلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ سىرتقا چىقالمىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر