ئوباما پارىس قولتۇقى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋاشىنگىتوندا پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالماقتا.

273707
ئوباما پارىس قولتۇقى كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان 6 دۆلەتنىڭمۇ يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.
ئۇچرىشىشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى سەۋىيەسىدە ئىشتىراك قىلماسلىقى يىغىنغا كۆلەڭگە چۈشۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلماسلىقى غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىما ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى.
يىغىنغا ئۇممانغا ۋەكالىتەن ئىچكى كابىنېت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا بەھرەين تەخت ۋارىسى سەۋىيەسىدە، كۇۋەيت بىلەن قاتار بولسا دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە قاتناشتى.
يىغىندا پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ۋەكىللەردىن ۋاشىنگىتون ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كېلىشىمنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىشى، ۋەكىللەرنىڭ بولسا ئوبامادىن يېڭى قورال – ياراغ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قاتارلىق ھەربىي تەلەپتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر