يەمەندە 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن 48 كۈن ئىلگىرى باشلانغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن بۇيان ھاسىل قىلىنغان تۇنجى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

272323
يەمەندە 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى (ھۇسىيلار) بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى مەقسىتىدە ھاسىل قىلىنغان بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 دىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولدى، لېكىن ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشقا يېرىم سائەت قالغاندىمۇ ھۇسىيلارنىڭ ئىبتىكى قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇسىيلار قارارگاھ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىن لادىن ساياھەت رايونى بىلەن بىر ئامانلىق ساقلاش مەركىزىگە بومبا تاشلىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير يەمەندە 12 -مايدىن باشلاپ 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ جەرياندا، ئىراننىڭ 60 مىڭ ئادەمگە يەتكۈدەك ياردەم ئەشياسى بېسىلغان بىر پاراخوتى يەمەنگە قاراپ يولغا چىقتى. مەزكۇر ياردەم پاراخوتىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە يەمەننىڭ ھۇدەيدا پورتىغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىراننىڭ ياردەم پاراخوتى ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دېڭىز ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن يېقىندىن تەقىپ قىلىنماقتا. ئىران ئارمىيەسى، پاراخوت يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن توقۇنۇشقا تەرەپ بولغان بىرەر دۆلەتنىڭ ئۇنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇرۇش چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ھەربىي ئەمەلدارى بولسا، ئىراننىڭ ياردەم پاراخوتىنى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قوغداپ مېڭىشىنى تەنقىد قىلدى؛ ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ئالدى بىلەن جىبۇتىغا، ئۇ يەردىن ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا يەمەنگە يوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر