ئامېرىكىدا بىر ياشنى ئۆلتۈرگەن ساقچى ئاقلاندى

ئامېرىكىدا سوت مەھكىمىسى بىر ياشنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىىكگە ھۆكۈم قىلدى.

273410
ئامېرىكىدا بىر ياشنى ئۆلتۈرگەن ساقچى ئاقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 19 ياشلىق بىر ياشنى ئېتىۋەتكەن بىر ساقچى ئاقلاندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار 6-مارتتا تونى روبىنسۇننى ئېتىۋەتكەن مات كېنېي ئىسىملىك ساقچىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
تەپتىش ئەمەلدارى ساقچىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئۆلتۈرۈلگەن ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، قاراردىن كېيىن بەزى شەھەرلەردە تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر