ئىككىنچى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 60 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) نېپالدا مەيدانغا كەلگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 60 تىن ئاشتى، 1100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

273274
ئىككىنچى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 60 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈچلۈك ۋەھىمە ياراتقان بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. ئاساسىي تەۋرەشتىن كېيىن شىددەتلىك قالدۇق يەر تەۋرەشلەر مەيدانغا كەلدى. تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ھادىسىلىرى، بىنالارنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى دېگەندەك ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن تاغلىق رايونغا قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارلىرى ئەۋەتىلدى.

بۇ قېتىمقى ئاپەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ نامچە بازار ئەتراپىدىكى يېزا – قىشلاقلاردا ياشايدىغان ئاھالىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.

نېپالدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى (دېلھى) ۋە باڭلادىشتىمۇ ھېس قىلىندى؛ ھىندىستاندا 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نېپالدا 25- ئاپرېلدا 7.8 بال يەر تەۋرەپ، 81150 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 17800 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

تۈركىيە يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان نېپال بىلەن ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىزنىڭ تەييار تۇرۇۋاتقانلىقى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر