مۇراسىمدا ئۇخلاپ قالغان مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

شىمالىي كورېيە دىكتاتورى كىم جوڭ ئۇن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

272208
مۇراسىمدا ئۇخلاپ قالغان مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم جوڭ ئۇن بۇ قېتىم مۇداپىئە مىنىستىرى خون يوڭ چولنى ‹رەھبىرىگە بىھۆرمەتلىك قىلىش ۋە خىيانەت قىلىش› بىلەن ئەيىبلەپ 30- ئاپرېلدا ئايروپىلان ئاتار بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگۈزدى.

مۇداپىئە مىنىستىرى خوننىڭ كىم جوڭ ئۇنمۇ ئىشتىراك قىلغان بىر مۇراسىمدا ئۇخلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھەمشىرىسىنىڭ يولدىشىنى خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلتۈرگۈزۈپ، گۆشىنى ئىتلارغا يىگۈزگەنىدى. كىم جوڭ ئۇننىڭ بۇنىڭدىن سىرت ئاتىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا يىغلىمىغانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر