نېپالدا يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى
يەر تەۋرەش مەركىزى نۇقتىسىنىڭ نېپالنىڭ خىتاي چېگراسىغا يېقىن نامچە بازىرى رايونى ئىكەنلىكى ۋە 7.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
271018
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالدا 25 – ئاپرېل 7.8 بال يەر تەۋرەپ ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن بولۇپ بۇ قېتىم يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى.
يەر تەۋرەش مەركىزى نۇقتىسىنىڭ نېپالنىڭ خىتاي چېگراسىغا يېقىن نامچە بازىرى رايونى ئىكەنلىكى ۋە 7.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا گىئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى بولسا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنى 7.4 بال دەپ ئېلان قىلدى.