شىۋېتسىيەدە ئىسلام دۈشمىنى بىر پارتىيە تارقىلىپ كەتتى

شىۋېتسىيەدە كۆچمەنلەر بىلەن ئىسلامغا دۈشمەن بولغان بىر پارتىيە تارقىلىپ كەتتى.

269627
شىۋېتسىيەدە  ئىسلام دۈشمىنى بىر پارتىيە تارقىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە كۆچمەنلەر ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن تونۇلغان بىر پارتىيە تارقىلىپ كەتتى.
شىۋېتسىيەدە كۆچمەنلەر ۋە ئىسلامغا قارشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان شىۋېتسىيەلىكلەر پارتىيەسى، سايلامدا كۆڭۈلدىكىدەك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن تارقىلىپ كەتتى.
شىۋېتسىيەدە ناتسىست تەرەپدارى بولغان شىۋېتسىيەلىكلەر پارتىيەسى رەئىسى سىتېفان جاكوبسون، پارتىيەنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدىن بايانات بېرىپ، ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ 2014-يىل سېنتەبىر ئېيىدىكى سايلاملاردا ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن پارتىيەسىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
كۆچمەنلەرنى شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە شىۋېتسىيە چېگرىسىدىن چەتئەللىكلەرنى كىرگۈزمەسلىكى مەقسىتىدە 2008-يىلى قۇرۇلغان شىۋېتسىيەلىكلەر پارتىيەسى، 2014-يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا 7 مىليون ئاۋاز ئىچىدە ئاران 10مىڭغا ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر