مايمان جەنۇبىي ئافرىقا ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك رەھبىرى
جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ باشلىقلىقىغا تۇنجى قېتىم بىر قارا تەنلىك باشلىق بولۇپ سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ممۇسى مايمان يېقىنقى 4 يىلنىڭ مابەينىدە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ پارتىيەسى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەزكۇر پارتىيەنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.
مايماننىڭ باشلىقلىققا سايلىنىشىغا پارتىيەنىڭ قارا تەنلىك بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ باھا بېرىلمەكتە. دېموكراتىك پارتىيەنىڭ سابىق رەھبىرى ھېلېن زىللې ئۆتكەن ئايدا 8 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋەزىپسىىدىن ئايرىلغانىدى.
دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكەن يىلقى ئومۇمىي سايلامدا %16.6 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.
جەنۇبى ئافرىقىدا ئىرقچى ۋە بۆلگۈنچى ئاپارتېيد تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغان 1994 – يىلىنىڭ مابەينىدە ئافرىقا مەملىكەتلىك كېڭىشى ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.