سۈرىيەدە يېڭى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىزلىرى بايقالدى

خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى، خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەر ھەيئىتىنىڭ سۈرىيەدە تازىلىنىش تىزىملىكىدىكى خىمىيەلىك قوراللاردىن باشقا گازلارنىمۇ بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

268984
سۈرىيەدە يېڭى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ئىزلىرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى، قولىدىكى پۈتكۈل خىمىيەلىك قورال زاپىسى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتىگە تاپشۇرغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. لېكىن، مۇتەخەسسسلەر، دۆلەت ئىلمىي تەتقىقات ۋە خىزمەت ئىشلىرى مەركىزىدە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ دوكلاتىدا ئورۇن ئالمىغان زەھەرلىك گاز خام ماددىلىرىنى بايقىدى.

سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم بايقالغان ماددىلارغا قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىزاھات بېرەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

2013- يىلى پايتەخت دەمەشققە يېقىن بىر جايدا سادىر قىلىنغان زەھەر گاز ھۇجۇمىدا يۈزلەرچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ئۇ ھۇجۇمدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەسەد ھاكىمىيىتى، سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ تازىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپنى قوبۇل قىلغان، نەتىجىدە 1300 توننا خىمىيەلىك قورال ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئېلىنىپ زىيانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر