ئاۋسترالىيەدە 17 ياشلىق ياش قولغا ئېلىندى
ساقچىلار ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبرون شەھىرىدىكى بىر ئۆينى ئاختۇرۇش جەريانىدا ئۈچ بومبا قۇرۇلمىسىنى قولغا چۈشۈردى، ئۆيدىكى 17 ياشلىق ياشنى قولغا ئالدى. بومبا قۇرۇلمىلىرى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلاندى.
268413
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۇماندار ياش دۈشەنبە كۈنى سوتلىنىدىكەن.
ئاۋسترالىيەدە ئۆتكەن ئايمۇ غازىيلار كۈنىدە ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 18 ياشتىن كىچىك 5 ياش قولغا ئېلىنغانىدى.
تەپتىش مەھكىمىسى، بۇ ياشلارنىڭ ئى ش ئى د مىلىتانلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.