ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزتۈرك رومنېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سەباھاتتىن ئۆزتۈرك رومنېيەنىڭ پايتەختى بۈكرەشتە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

268404
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزتۈرك رومنېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رومنېيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېل ئوپرا بىلەن كۆرۈشكەن ئۆزتۈرك، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئۆزتۈرك ئۇچرىشىشتا، قالايمىقان كۆچمەنلىك، تەشكىللىك جىنايەتلەر ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى، خەلقئارا سەھنىدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە رومنېيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
سەباھاتتىن ئۆزتۈرك، رومنېيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئوپرانى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.
ئوپرا، رومنېيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن رومنېيە بىخەتەرلىك جەھەتتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىككى ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ.»
سەباھاتتىن ئۆزتۈرك، ئوپرا بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، بۈكرەشتە 2012 – يىلى قۇرۇلغان يۇنۇس ئەمرە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە تۈرك شېھىتگاھلىقىنى زىيارەت قىلدى.
بۈگۈن سىنائىئا رايونىغا جايلاشقان پەلەشتىكى مىللىي مۇزېي بىلەن بۈكرەشتىكى يېزا مۇزېيىنى زىيارەت قىلىدىغان ئۆزتۈرك، كەچ تەرەپلەردە تۈركىيەگە قايتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر