ئومۇمىي سايلامدامۇھاپىزىكارلار غەلىبە قىلدى

ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا باش ۋەزىر دەيۋىد كېمىرىن رەھبەرلىكىدىكى مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسى غەلىبە قىلدى.

267542
ئومۇمىي سايلامدامۇھاپىزىكارلار غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسى 326 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. سايلام زەپىرىدىن كېيىن بۇكىڭھام سارىيىدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 - ئەلىزابىت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان كېمىرىن، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. كېمىرىن، سايلام ھارپىسىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن، بۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كېمىرىننىڭ ئىسلاھات تەلەپلىرى مەسىلىسىدە خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەمگەك كۈچىنى ئەركىن قويۇۋېتىش قاتارلىق ئاساسىي پىرىپسىپلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody's بولسا پىلانلىنىۋاتقان رېفېراندۇمنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئېد مىلىباند رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى پارتىيەسى، ئاۋام پالاتاسىدا 232 ئورۇندۇققا ئېرىشتى. مىلىباند بۇ نەتىجىنى كۆرگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. بۇلتۇر شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئالدىنقى قېتىمقى قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدە 6 پارلامېنت ئەزاسى بار بولغان شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى بولسا، ناھايىتى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شوتلاندىيەدىكى 56 ئورۇندۇقتىن 56 سىغا ئېرىشتى. بىرلەشمە پادىشاھلىق مۇستەقىللىق پارتىيەسى رەھبىرى نىگېل فاراگېنىڭ سايلىنالماسلىقى دىققەت قوزغىدى.
مەغلۇبىيەتتىن كېيىن فاراگې ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. سايلامدا مەغلۇب بولغۇچىلار سېپىگە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نىك كلېگمۇ مۇ قېتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر