يەمەن ھۆكۈمىتى خەلقئارا كۈچلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

يەمەن ھۆكۈمىتى خەلقئارا كۈچلەرنى دۆلىتىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كونتىروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

264799
يەمەن ھۆكۈمىتى خەلقئارا كۈچلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان يەمەن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللاپ، بولۇپمۇ پورت شەھەر ئەدەن ۋە تائىزنى ھۇسىيلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىنمۇ شىئە ھۇسىيلارنىڭ ئەدەندىن كۆچۈشكە تىرىشىۋاتقانلارنى توپ ئوقىغا تۇتقانلىقىنى، 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەنە شۇ يوسۇندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياسىن ھۇسىيلارنىڭ قەتلىئاملىرىغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
يەمەن ئىرانپەرەس ھۇسىيلار بىلەن پىرېزىدېنت ئەبدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.
ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 26 – مارت كۈنى «قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» ناملىق ھاۋا ھۇجۇمىنى باشلىغانىدى.
پىرېزىدېنت ھادىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن باشلىنىپ 21 – ئافرېل كۈنى ئاخىرلاشقان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بۇ قېتىم يەمەن خەلقى ئۈچۈن «ئۈمىدكە قايتىش» ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر