رۇسىيە ساقچىلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا مۇداخىلە قىلدى

رۇسىيە جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ 2012- يىلىدىكى «بولوتنايا دېلوسى» دائىرىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قوللاپ ئۆتكۈزگەن رۇخسەتسىز نامايىشىغا مۇداخىلە قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

265086
رۇسىيە ساقچىلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2011- يىلى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈچىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشى رۇسىيەدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان، ئۆكتىچىلەر نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. 2012- يىلى مارت ئېيىدا پۇتىن قايتىدىن سايلانغاندىن كېيىن نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ ئاشتى.

2012 – يىلى 7- مايدا يەنى پۇتىن پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى موسكۋادىكى بولوتنايا مەيدانىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، نامايىش ئەسناسىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى. شۇ قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى قولغا ئېلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ دېلوسى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر