كېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

يەمەندە سۈركىلىش كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى.

264809
كېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كېرى پايتەخت رىيادتا ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن نايىف بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشقا ۋاشىنگىتونغا ۋەكالىتەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارى ھارف، كېرىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى ئەنى پەتېرسېن ۋە ئامېرىكىنىڭ رىياد باش ئەلچىخانىسى مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بۇرۇن جىبۇتىدا زىيارەتتە بولغان كېرى يەمەنگە 68 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى.
كېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرىدا يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈپ تارقىتىلىشى ئۈچۈن توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر