مىسىر ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

مىسىر جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دىميات سائەت مەيدانىدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كىشىلەر ئۆتكۈزگەن نامايىشقا مۇداخىلە قىلدى.

264226
مىسىر ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

مۇداخىلە نەتىجىسىدە بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5 نەپىرى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 32 ئادەم يارىلاندى.

نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈزىگە نىقاب كىيىۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نامايىش جەريانىدا 13 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 16 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر