ئاقدېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاچىئەسى يۈز بەردى

ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 350 كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قىلىندى.

262932
ئاقدېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاچىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىتالىيەنىڭ سىجىليا ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتقان يەل كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پاجىئەدىن قۇتۇلۇپ قالغانلار، يەل كېمىدە جەمئىي 137 كىشىنىڭ بارلىقىنى، دېڭىزدا كېمە تېشىلىپ كېتىپ، قانچە ئولىغان كىشىنىڭ دېڭىزغا غەرق بولغانلىقىنى ئېيتتى.
قوتقۇزۇپ قىلىنغان كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كەلگەن كېمە جاتانيا پورتىدا توختىتىلدى.
يەنە بىر تەرەپتە ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 350 كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان مالتا بايراقلىق پاراخوت سىجىليانىڭ جەنۇبىدىكى پوززاللو شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى جۈمە كۈنىدىن بۇيان تەخمىنەن 7 مىڭ كۆچمەننى قورۇغلۇققا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر