سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىغا قاتتىق زەربە بەردى

سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي بازىلارنى بىتچىت قىلدى.

262161
سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىغا قاتتىق زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە بىر تىكئۇچارنىڭ تۈنۈگۈن ھالەپتە بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ۋارىل بومبىسى ئېتىپ 11 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشىغا قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئامىرىيە رايونىدا ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ھەربىي بازىلارنى بىتچىت قىلدى.
ئۆكتىچىلەر بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا مەقستىگە يەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۆكتىچىلەر پۇقرالارغا تەۋە ئولتۇراق رايونلارغا چېقىلمىغانلىقلىرىنىمۇ ئۇقتۇردى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەبۇ مۇھەممەد: «ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن تىكئۇچارلارغا قارشى تاقابىل تۇرالايدىغان قوراللىرىمىز يوق، بىراق ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى بىتچىت قىلالايدىغان قوراللىرىمىز بار» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر