پارىژدا ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پارىژدا ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

262134
پارىژدا ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسىگە قارشى پايتەخت پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
«پارلامېنت ئەزالىرى ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداڭلار، خۇسۇسىي تۇرمۇشىمىزغا ئارىشۋالماڭلار»دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىۋېلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
باش مىنىستىر مانۇئېل تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تېررورىزم تەھدىتىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەزمۇن قىلىنىدۇ.
پارلامېنتتا بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلىدىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئىستىخبارات ئىدارىلىرىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن تېخنىكىلىق جەھەتتىن ياردەم قىلىنىدۇ، بۇ دائىرىدە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ۋاستىلىرى بىلەن ئېنىقلانغان تېررور گۇماندارلىرىنىڭ ئىزىنى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلغار يەر بېكىتىش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ ۋە بۇ يىل 2680 ئادەم خىزمەتكە ئېلىنىدۇ.
ياۋروپا كېڭىشى ئىلگىرى فىرانسىيەنى مەزكۇر تالاش-تارتىشلىق قانۇن لايىھەسى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر