بوكو ھارام تەشكىلاتى 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتى 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
262160
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ زورۋانلىق قىلمىشلىرىدا 30 ئادەم ئۆلدى.
بوكو ھارام مىلىتانلىرى پىلاتو ئۆلكىسىدە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سادىر قىلماقتا. يەرلىك مەجلىس باشلىقى ئېممائۇل لوماڭ، بوكو ھارام مىلىتانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
پىلاتو ئۆلكىسى كېيىنكى مەزگىللەردە زېمىن تالىشىش ۋە سىياسىي ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك ۋە دىنى ۋەقەلەرگە سەھنە بولماقتا.