ئىسلامغا قارشى ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسىدە توقۇنۇش چىقتى

ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى داللاس شەھىرىدە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» تېمىلىق ھەجۋىي رەسىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن زالنىڭ سىرتىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەردى. ۋەقەدە، ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

260775
ئىسلامغا قارشى ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسىدە توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامەلۇم ئىككى ئادەم «ئامېرىكان ئەركىنلىكنى قوغداش جەمئىيىتى» داللاس شەھىرىدە ئىسلامغا قارشى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» تېمىسىدا ھەجۋىي رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن زالنىڭ سىرتىدا ماشىنىسىدىن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا قارىتىپ ئوق ئاتتى. چىققان ۋەقەدە ئوق چىقارغان ئىككى كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلاندى. ۋەقەدىن كېيىن، زالدىكى كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى. يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھەجۋىي رەسىم مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى، ھەمدە ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. «ئامېرىكان ئەركىنلىكنى قوغداش جەمئىيىتى» بۇنىڭدىن بۇرۇن مەزكۇر زالدا 10 مىڭ دوللار مۇكاپات تارقىتىلغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» تېمىسىدىكى ھەجۋىي رەسىم مۇسابىقىسىگە، گوللاندىيەلىك سىياسەتچى گېرت ۋىلدېرس قاتناشقان ئىدى.
بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگەن تەشكىلات ئەينى ۋاقىتتا، نىيۇ يوركتا دۇنيا سودا مەركىزىي ئەتراپىغا «ئىسلام مەركىزى» نىڭ ئېچىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىسلامغا قارشى ئېلان بېرىش ئۈچۈن ئېلان تاختىلىرىنى ئىجارىگە ئالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر