سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدەنگە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان 30 دىن 50 كىچە بولغان بىرلەشمە قىسىم ئەسكىرىنىڭ يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

260548
سەئۇدى ئەرەبىستان ئەدەنگە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقى ئەدەن ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، مىللىي تەۋەلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، بۇ ئەسكەرلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
يەمەن پىرېزىدېنتى مەنسۇر ھادى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل دائىرىلىرىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدەن ئايرودۇرۇمىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرى ئەدەن ۋە ئەتراپىدىكى ھۇسىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. يەمەننىڭ 3-چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان تائىز كوچىلىرىدا يېقىن مۇساپىلەردىن ئېتىشىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ئېتىشىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان خەلق شەھەردىن قېچىشقا باشلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يەمەندە ئاستىقۇرۇلما، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر