سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

ھۇسىي ئەنسارۇللاھ تەشكىلاتى مىلتانلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 نەپەر سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكىرى ۋە ئونلىغان ھۇسىي مىلىتانلىرى ئۆلدى.

258221
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئىسيانكار قىسملارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھۇسىي ئەنسارۇللاھ تەشكىلاتى مىلتانلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 نەپەر سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكىرى ۋە ئونلىغان ھۇسىي مىلىتانلىرى ئۆلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھۇسىي مىلىتانلىرى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنىڭ يەمەننىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا جايلاشقان نەجران رايونىدىكى چېگرا تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش پونكىتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ئەمما ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلگەنلىكى بىلدۈردى.
بۇ ئارىلىقتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە 1 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 1200 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە جىددىي ئۇرۇش توختىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى ۋە يەمەننىڭ سەھىيە، سۇ ھەمدە تېلېپون، ئۇچۇر – ئالاقە مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
يەمەندە شىئە ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ باشچىلىقىدا بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇلۇپ، 26 – مارتتا «قەتئىيلىك بورىنى» ناملىق ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغان ئىدى.
يەمەندە پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مانسۇر ھادىنىڭ جىددى مۇداخىلە قىلىش چاقىرىغا بىنائەن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 21 – ئاپرېل كۈنى ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە يەمەن خەلقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان «ئۈمىدكە قايتىش» ھەرىكىتى باشلانغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر