كېنىيەدە سەل ئاپىتىدە 15 كىشى قازا قىلدى
كېنىيەنىڭ ناروك شەھىرىدە يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە 15 كىشى قازا قىلدى، 30 كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، كۆپلىگەن يېزىلارنى سۇ بېسىپ كەتتى.
255897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
پالاكەت رايونلىرىغا يېتىپ بېرىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ناھايىتى ئاستا ئېلىپ بېرىلماقتا.
سەل ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتتىق يامغۇرنىڭ ئۇدا بىرقانچە كۈن داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.