ئەڭ چوڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە گۇرۇھى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى
رۇسىيەنىڭ گازپىروم شىركىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
255391
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بولغان رۇسىيە گازپىروم ئېنېرگىيە گۇرۇھى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، گاز پىروم شىركىتىنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 86% ئازىيىپ كەتكەن. 2014-يىلدىكى كىرىمىنى ئېلان قىلغان شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى يىللىق كىرىمى 3 مىليارد دوللار بولغان. شىركەتنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى كىرىمى 21 مىليارد دوللار ئىدى.
گاز پىروم شىركىتى رۇبلېنىڭ دوللار ئالدىكى قىممىتىنىڭ 50% چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.