نېپال: بىزنىڭ بۇنداق چوڭ ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك كۈچىمىز يوق

نېپالدىكى تەۋرىنىش دەرىجىسى 7.8 بالغا يەتكەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

254513
نېپال: بىزنىڭ بۇنداق چوڭ ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك كۈچىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر يەر تەۋرەش ئەسناسىدا كۆپلىگەن يېزا – بازارلارغا بارىدىغان يوللار توسۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىشى قىيىنلاشماقتا.

باش مىنىستىر سۇشىل كوئىرالا، ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. نېپالنىڭ بۇنداق چوڭ ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىپ كەتكۈدەك كېرەكلىك لازىمەتلىك ۋە ئادەم كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن كوئىرالا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەملىرىنىمۇ قوبۇل قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

نېپالدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى. نېپال ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەردە قالدۇق يەر تەۋرەشلەر داۋام قىلماقتا. پايتەخت كاتماندۇدا مىڭلارچە ئادەم بۈگۈن كېچىنىمۇ يەنە كوچىلاردا ئۆتكۈزدى. سۇ، يېمەك – ئىچمەك ۋە توك قىسىنچىلىقى سەۋەبىدىن شەھەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

پايتەخت كاتماندۇنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان تاغلىق رايونىنىڭ سىندۇپالچوك بازىرىدا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 376 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرى... تاغلىق رايوندىكى يوللار توسۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھەم تېببىي لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەش توسالغۇغا ئۇچرىماقتا، ھەم ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى چىقىرىشى كېچىكىپ كەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر