جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەدە 15 ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلدى

شىمالىي كورېيەدە دۆلەتنىڭ 15 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

255263
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەدە 15 ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئىككى مۇئاۋىن مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ئەمەلدارلار، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇنغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغان.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى ئاخىرقى قېتىم 2013 – يىلى دېكابىردا 5 كىشىگە ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى.

يەنە 6 كىشىنىڭ قەپەزگە سولىنىپ، ئاچ ئىتلارغا تالىتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

60 يىلدىن بۇيان شىمالىي كورېيەنى تۆمۈر مۇش بىلەن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان كىم خانىدانلىقى ئىزچىل ھالدا ئۆلۈم جازالىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر