ئەسەد قىسىملىرى يەنە بىر دوختۇرخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

ئەسەد قىسىملىرى دەمەشىقتىكى بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلدى.

252887
ئەسەد قىسىملىرى يەنە بىر دوختۇرخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەدە، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلار بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
پايتەخت دەمەشىققە قاراشلىق جەيرۇد ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئونلارچە ئادەم يارىلاندى، سۈرىيەدە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشى بۇ ۋەقەنى «قەتلىئام» دەپ تەرىپلىدى.
سۈرىيە ئارمىيەسى پايتەختتە 10-ئاپرېلدىمۇ پەلەستىنلىك مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان يەرمۇق مۇساپىرلار لاگېرىدىكى دوختۇرخانىغا ۋارىل بومبىسى ئاتقانىدى. ئۆتكەن ئاي يەنە ئەسەد قىسىملىرى بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلىپ 3 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر