بەدەخشاندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 52 كىشى ئۆلدى
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 52 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.
نۇرغۇنلىغان ئۆي تۇپراق ئاستىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەممەيلەننى ئەنسىرەتمەكتە.
ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تاش يوللار پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالغان بولغاچقا رايونغا پەقەت تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىقلا يېتىپ بارغىلى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستاننىڭ ئەڭ نامرات رايونلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان بەدەخشاندا ئالدىنقى يىلى ماي ئېيىدىمۇ تاغ غۇلاپ چۈشۈپ، 350 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.