ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا

ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يولغا قويماقتا.

252244
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا كېڭەيمىچىلىك قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى 17-مارتتىكى سايلام غەلبىسىدىن كېيىن يېڭى كۆچمەن رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇس زېمىنلىرىدىكى كۆچمەن تۇرالغۇ يەرلىرىدە 50 ئۆي سېلىشنى قارار قىلدى.
شەرقىي قۇددۇسنى 1967-يىلدىكى 6 كۈنلۈك ئۇرۇشتا بېسىۋالغان ئىسرائىلىيە، 50 يىلدىن بۇيان بۇ جايدا تۇرالغۇ جايلىرى بەرپا قىلىپ ئىزچىل كېڭىيىپ بارماقتا.
مۇقەددەس ماكانلارغا ساھىبخانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر بۇ جايدىكى تۇرالغۇ جايلىرىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر