نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3726گە يەتتى

نېپالدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3726گە يەتتى.

251759
نېپالدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3726گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالدا مەيدانغا كەلگەن 7.9 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3726گە يەتتى.
خارابىلىكلەر ئاستىدا ھېلىھەم نۇرغۇن كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى، قالدۇق يەر تەۋرەشلەر ۋە زېمىن ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلار قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا، تاغلىق رايونلاردا بولسا ۋەزىيەت بارغانچە خەتەرلىك بولماقتا.
ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىزدەش قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىگە ئاكۇت ئەترىتىمۇ قوشۇلۇش ئۈچۈن يولغا چىقتى. 20 كىشىلىك بۇ ئەترەت 1 يېرىم توننا ياردەم بۇيۇمى ئېلىپ ماڭدى.
بۇنىڭدىن باشقا، نېپالدىن تۈرك ۋە چەتئەللىك  بولۇپ جەمئىي 242 يولۇچى تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە بىر ئايرۇپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر