مېكسىكا خەلقى يوقاپ كەتكەن 46 ئوقۇغۇچىغا ئىگە چىقتى

مېكسىكىدا يوقاپ كەتكەن 46 ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

251751
مېكسىكا خەلقى يوقاپ كەتكەن 46 ئوقۇغۇچىغا ئىگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا بۇلتۇر 26-سىنتەبىردە يوقاپ كەتكەن 46 ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار داۋاملاشماقتا.
ئوقوغۇچىلار يوقاپ كەتكەن گېررو ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى چىلپانسىگودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى. ئۆلكە مەجلىسى بىناسىغا تاش ئاتقان نامايىشچىلار بىنا ئالدىدىكى ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋەتتى. نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
تەپتىش مەھكىمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگۇلا شەھىرىدە شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقلىرىنى، كېيىنچە ساقچىلارنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىر قارا جەمئىيەت گۇرۇھىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكلىرىنى، قارا جەمئىيەت گۇرۇھىنىڭ بولسا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى. بىراق يوقاپ كەتكەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەسىتى ھازىرغىچە تېپىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر