ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادى ئۆلدى، ئورنىغا يېڭى خەلىپە كەلدى

باغدادىنىڭ ئونىغا ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرى دائىشنىڭ يېڭى خەلىپىسى بولدى.

249172
ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادى ئۆلدى، ئورنىغا يېڭى خەلىپە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش مىلىتانلىرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىدار بولغان ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خەلىپە ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرىغا بەيئەت قىلىشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىراق خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋارادانا»نىڭ زىياراتىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇل مەسئۇللىرىدىن بىرسى «تەشكىلات كوماندىرلىرى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىدار بولغان ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈردى. باغدادى يارىدار بولغاندىن كېيىن سۈرىيەنىڭ راككا شەھىردىكى بىر خۇسۇسىي دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ دوختۇر قوچىقىغا جان بەردى» دېدى.
دائېش مىلىتانلىرىنىڭ مۇسۇلغا يېقىن تالافەر شەھىرىدىكى ساددام جامىسىدە يېڭى خەلىپىگە بەيئەت قىلىشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرى دائىشنىڭ يېڭى خەلىپىسى بولدى.
ئىراق ئاخبارات ۋاستىلىرى دائېش مىلىتانلىرىنىڭ يېڭى رەھبىرىنىڭ «ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرى» دېگەن لەقەم بىلەن ئاتىلىدىغان مۇستاپا ئەل شەيخلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئافرى تالافەردە تۇغۇلغان ۋە فېزىكا ئوقۇتقۇچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ دىنشۇناسلىقتا ئوقۇغان بولۇشىغا قارىماي، مىنىبۇس شوپۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۈرمۇش قامدايدىغان كىشى ئىدى. ئۇ 1990 – يىللىرىدا تالفەردىكى تۈنجى تەكفىرچىلىك ۋە جىھادچىلىق ئېقىمىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئىدى. ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرىنىڭ كۆپىنچە مەخپى، يەنە بەزىدە ئاشكارا ھالدا چوڭ بازار جامەسىدە دىنىي ۋەز سۆزلىگەنلىكى مەلۇم.
ئەبۇل ئەلا ئەل ئافرى ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئارمىيەنىڭ بېسىمى تۈپەيلى 2004 – يىلى يۈرتىدىن قېچىپ ئەلقائىدەگە ئەزا بولغان ۋە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئىراقتىكى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
ئافىرى خۇددى باغدىدىغا ئوخشاشلا ئىلگىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر