سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئىدلىبنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزدى

سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئىدلىبنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جىسر ئەشۇغۇر ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزدى.

249562
 سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ئىدلىبنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 60 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جىسر ئەششۇغۇر لازقىيە بىلەن ھەلەب ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈش ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بەششار ئەسەد كۈچلىرى 2011 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا قاتتىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن جىسر ئەششۇغۇرنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.
ئىدلىب شەھىرىنىڭ كونتىروللۇقىمۇ ئۆتكەن ئاي ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر