نېپالدا 7.9 بال يەر تەۋرەپ 1300 ئادەم قازا قىلدى
نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتە 1300 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش پايتەخت كاتماندۇنىڭ 80 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدا، يەرنىڭ تېگىدىن 2 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن، ئاپەتتە كاتماندۇدىكى بىر قىسىم بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا قانچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت ئىبادەتخانىلارمۇ بار ئىكەن. يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا سەلدەك ئاققان. قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن كەڭ خەلق ئاممىسى بىنالارنى تاشلاپ سىرتقا ئۆزلىرىنى ئاتقان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەڭ خەلق ئاممىسى قالدۇق يەر تەۋرەش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇلماقتا، بىنالارغا كىرمەسلىكى تەلەپ قىلىنماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش قوشنا دۆلەت ھىندىستاندىمۇ ھېس قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.