ئېفىيوپىيەلىكلەر دائېشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

مىڭلارچە ئېفىيوپىيەلىك پايتەخت ئاددىس ئابادادا دائېشقا نارازىلىق بىلدۈردى.

246834
ئېفىيوپىيەلىكلەر دائېشقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىڭلارچە ئېفىيوپىيەلىك دائېشقا نارازىلىق بىلدۈردى.
دائېشنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلەشكەن ئېفىيوپىيەلىكلەر خەلقنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىردى. مىڭلارچە ئېفىيوپىيەلىك پايتەخت ئاددىس ئابادادا لىۋىيەدە 30 ئېفىيوپىيەلىكنى قەتلى قىلغان دائېشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغىلدى.
نامايىشلارغا قاتناشقانلار ئارىسىدا قۇربانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىشتىن قاتتىق قايغۇرغان ئېفىيوپىيەلىكلەر دائېشنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ئېفىيوپىيەدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نامايىشتا سۆز قىلغان ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى خايلېمارىيام دېسالېگىنمۇ «دۆلىتىمىز بۇنداق ۋەھشىي قىلمىشلارغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى.
دائېش ئۆتكەندە لىۋىيەدە ئېفىيوپىيەلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر تۈركۈم خىرىستىياننى قەتلى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋىدىئونى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر