خىتايدىكى كۆمۈر كېنىدا قاپسېلىپ قالغان 19 ئىشچى ئۆلدى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 غا يەتتى. قاپسېلىپ قالغان ئىككى ئىشچىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بولسا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

246023
خىتايدىكى كۆمۈر كېنىدا قاپسېلىپ قالغان 19 ئىشچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈچ كۈن بۇرۇن شەنشى ئۆلكىسىدە داتوڭ شىركىتىنىڭ كۆمۈر كېنىنى سۇ بېسىۋېلىپ، نۇرغۇن ئىشچى قاپسېلىپ قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلىنالمىغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى (22 – ئاپرېل) خەۋىرىدە، داتوڭ كانچىلىق شىركىتىنىڭ جياڭ جياۋەن كۆمۈر كېنىنى سۇ بېسىۋېلىش سەۋەبلىك قاپسېلىپ قالغان 24 ئىشچىدىن 19 ىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. خەۋەردە يەنە، ھازىرغىچە كاندا قاپسېلىپ تۇرۇپ قالغان ئىككى ئىشچىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كاندىن تەخمىنەن 6 مىڭ 100 كۇب مېتىر سۇ تارتىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كاندىكى 247 ئىشچىدىن 223 ى تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە ئۈچ ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر