پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ھەپسىتى باشلاندى

سەپەرۋەرلىكنى تۇنۇتۇش يىغىنىدا ھۇسام بەردان ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە 12 يىل يېتىش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلاتتى.

244122
پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ھەپسىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارادا پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ھەپسىتى باشلاندى.
پەلەستىن ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپىسى (İHH)مۇ «ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىلىك ئەسىرلەر بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق» ناملىق چوڭ سەپەرۋەرلىك باشلىدى.
سەپەرۋەرلىكنى تۇنۇتۇش يىغىنىدا ھۇسام بەردان ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە 12 يىل يېتىش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلاتتى.
ھۇسام بەردان ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدىن مىسالىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان غەلىتە بەلگىلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى، تۈرمىدە مىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ دورا تاپالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇسام بەردان «مەن 10 يىلدا ئايالىمنى ئاران 3 قېتىم كۆرەلىدىم. ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھېچ نەرسىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇپ قېينايدۇ، ھەرتۈرلۈك جىسمانى جازالارنى بېرىدۇ» دېدى.
«ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىلىك ئەسىرلەر بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە ھەر خىل كۆرگەزمە ۋە يېغىنلار چاقىرىلىدىغان بولدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر