ئاق دېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

ئاق دېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بېرىپ 40 ئادەم قازا قىلدى.

239429
ئاق دېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسەن دېگۈدەك ھەر كۈنى پاجىئەلەرگە سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان ئاق دېڭىزدا يەنە كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى.
لىۋىيەدىن ئىتالىيەگە قېچىشقا ئۇرۇنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ سىجىلىيا دېڭىزدا دۈم كۆمتۈرۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 40تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. كېمىدە ياخشى كۈن كۆرۈش ئۈمىدى بىلەن ياۋروپاغا بارماقچى بولغان 100گە يېقىن قانۇنسىز كۆچمەننىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە سەيشەنبە كەچتىمۇ كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 400 ئادەم قازا قىلغانىدى. كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 10مىڭغا يېقىن كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ تەخمىنەن 900 قانۇنسىز كۆچمەن ياۋروپا قەدەم باسماي تۇرۇپ دېڭىزغا غەرق بولۇپ قازا قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر