ۋىكىلىكىس بۇ قېتىم سونىنى رەسۋا قىلدى

ۋىكىلىكىس بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى سونى شىركىتىنى رەسۋا قىلدى.

239420
ۋىكىلىكىس بۇ قېتىم سونىنى رەسۋا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىكىلىكىس بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى فىلىم شىركىتى سونىنىڭ ھۆججەت ۋە خەتلىرىنى ئېلان قىلىۋەتتى.
2010-يىلى ئامېرىكىنىڭ مەخپىي دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىنى ئۇقتۇرۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كەتكەن ۋىكىلىكىس، سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ كۈنتەرتىپكە كەلگەن كىنو ئشلەش مەركىزى سونىنىڭ 30مىڭ پارچىدەك ھۆججىتىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلدى.
ۋىكىلىكىس 174 مىڭ پارچە ئىلخەت ساقلانغان ئارخىپنىڭ، مەشھۇر كىنو شىركىتى سونىنىڭ ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي سانائىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، سىياسەت ۋە قانۇنلارغا تەسىر كۆرسىتىش قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شەخسىي مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سونى، بۇلتۇر نويابىردا كومىپىيۇتېر خاكېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.
دۆلەت رەئىسىنىڭ كومىدىيەلىك فىلىمغا تېما بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن شىمالىي كورىيە بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر