ئوباما: دائېشنى بىتەرەپ قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى ئاق سارايدا پىرېزىدېنت باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.

236089
ئوباما: دائېشنى بىتەرەپ قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراقنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى، ئابادىغا 200 مىليون دوللار ئىنسانىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى.

يىغىندىن كېيىن بايانات بەرگەن پىرېزىدېنت ئوباما، ئابادى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان يېقىنقى 7 ئاي ئىچىدە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قوراللىنىش ۋە تەلىم – تەربىيە جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلارنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابادى بىلەن كۆرۈشكەندە، دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراننىڭ ئوينايدىغان رولى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە يۈرگۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان ئوباما، ئىراق تەۋەلىكىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە باغدادنىڭ قوماندانلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوباما دائېشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇل ۋە باشقا بىر قىسىم مۇھىم رايونلار ھېلىھەم دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر