ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قورالسىز قارا تەنلىكلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈشلەر كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.
236236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈركۈم كىشىلەر نىيويوركقا يىغىلىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا ئىلگىرىلىگەن نامايىشچىلار، برۇكلېين كۆۋرۈكىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلدى.
بۇ جەرياندا نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار، يېشى 18 دىن تۆۋەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.
سان فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش، تىنچ ئاخىرلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.