ئەششەبابنىڭ تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا 26 ئادەم ئۆلدى

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سومالى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىناسىدا سادىر قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 26 گە يەتتى.

236183
ئەششەبابنىڭ تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىدا 26 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موقدىشۇدىكى قانلىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 18 نەپىرى پۇقرا، بىرى ساقچى، يەنە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ئەسكەر.

دۆلەت رادىيوسى، كۆپ ساندىكى يارىدارلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى باش مۇدىرىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تۈنۈگۈن ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلىنى پارتلاتقاندىن كېيىن، تېررورچىلار بىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر