ئىراقتا 300 ھەربىي قوماندان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادى 300 ھەربىي قومانداننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

234747
ئىراقتا 300 ھەربىي قوماندان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا 300دىن ئارتۇق ھەربىي قوماندان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
باش مىنىستىر ھايدار ئەل ئابادى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان 300دىن ئارتۇق ھەربىي قومانداننى مەجبۇرىي پىنسىيەگە چىقىرىشنى قارار قىلدى.
ئىراق باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ ئىراقنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇش ئۈچۈن دۆلەت ئارمىيەسنى قايتىدىن تەڭشەش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باش مىنىستىر ئابادى بۇلتۇر نويابىردىمۇ باش مىنىستىر نۇرى ئەل مالىكى دەۋىردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 26 نەپەر ھەربىي قومانداننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر